3 يەھۇدا قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنچىقىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوندۇر.
رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىناداب يەھۇدا خەلقىنىڭ يولباشچىسى ناخشوننىڭ ئاتىسى ئىدى.
ئاممىناداب ناخشوننىڭ ئاتىسى، ناخشون سالموننىڭ ئاتىسى،
يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون،
رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناھشوننىڭ ئاتىسى، ناھشون سالموننىڭ ئاتىسى،
يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن ھۆكۈمران چىقتى. لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئىدى.
ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوننىڭ ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
بىرىنچى كۈنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.
ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
ئۇنىڭ 74,600 ئادىمى بار.
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى.
ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: رۇبېن (تۇنجى ئوغۇل)، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن.
تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: رۇبېن قەبىلىسىدىن شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر،
ئەگەر قىسقا چېلىنسا، شەرق تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن.