Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 19:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پاك بىر كىشى ياش ئىنەكنىڭ كۈلىنى يىغىپ، قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا قويۇپ قويسۇن. بۇ كۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ پاكلىنىش سۈيىگە سېلىپ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ساقلانسۇن. بۇ گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 19:9
16 Referans Kwoze  

كونا ئەھدە دەۋرىدە ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈلى ناپاكلارنىڭ ئۇچىسىغا سېپىلسە، ئۇلار سىرتقى جەھەتتە تازىلىنىپ پاك بولاتتى.


ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى پاكلانمىغان بولىدۇ.


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


ئاندىن پاك بىر كىشى لېپەكگۈلنى ئۇ سۇغا چىلاپ، چېدىرغا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سەپسۇن. يەنە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر جەسەتكە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىگىمۇ ئاشۇ سۇدىن سېپىلسۇن.


ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.


لاۋىيلارنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن پاكلىغىن: ئۇلارغا پاكلىنىش سۈيىنى سەپكىن، ئاندىن ئۇلار ئۇستىرا بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى قىرىپ تازىلىسۇن. كىيىملىرىنى يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار پاكلانغان بولىدۇ.


ھەمدە مەن پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىشىنى قايتىدىن باشلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان كۈنلىرى بۇلغانغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنلىرى ئىناۋەتسىز بولسۇن. ئۇ بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاننى ئەيىب قۇربانلىقىغا ئېلىپ كەلسۇن.»


ھەيز مەزگىلىدە ئۇ ياتقان ۋە ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر.


ئۇنى روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. ياش ئىنەك قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، روھانىي ئەلئازارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن.


ياش ئىنەكنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.


ناپاك كىشى ئۈچۈن، كۆيدۈرۈلگەن پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ كۈلىدىن كۈپكە سېلىپ، ئۈستىگە پاكىز سۇ قۇيۇلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite