Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 19:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇنىڭدىن كېيىن، روھانىي كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارارگاھىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن روھانىي كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 19:7
19 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. لېكىن يەنىلا كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


پاك كىشى ناپاك كىشىگە ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى سۇ سەپسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىدۇ. پاكلانغۇچى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە يۇيۇنسۇن. شۇنداق بولغاندا ئۇ كىشى شۇ كۈنى كېچىسى پاكلىنىپ بولغان بولىدۇ.


ياش ئىنەكنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.


شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. بويىنى سۇغا سالمىغۇچە، مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.


ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ئۇنىڭ گۆشىنى يېگەن ياكى ئۆلۈكىنى يۆتكىگەن كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن، لېكىن يەنىلا شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


بۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ قېنى باش روھانىي تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلەتتى، تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈرۈلەتتى.


ئۆي پېچەتلەنگەن مەزگىلدە ھەرقانداق ئادەم ئۇ ئۆيگە كىرسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


كۈلنى يىغقان كىشىمۇ ئوخشاشلا كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر. بۇلار ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر.


بۇ سىلەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. پاكلىنىش سۈيىنى سەپكەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن. پاكلىنىش سۈيىگە تەگكەن ھەرقانداق بىر كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.


تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


تۆت پۇتتا ماڭىدىغان تاپانلىق ھايۋانلار ھارامدۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ھايۋانلار ھارامدۇر.


يۇقىرىقى ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.


ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھالال ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite