Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 19:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 بۇ سىلەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. پاكلىنىش سۈيىنى سەپكەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن. پاكلىنىش سۈيىگە تەگكەن ھەرقانداق بىر كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 19:21
12 Referans Kwoze  

چۈنكى، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى ئىنسانلارنى گۇناھتىن ھەرگىز پاك قىلالمايدۇ.


ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر.


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى ھېچ كىشىنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد بېرىلدى.


ئۇنىڭ گۆشىنى يېگەن ياكى ئۆلۈكىنى يۆتكىگەن كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن، لېكىن يەنىلا شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. لېكىن يەنىلا كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.


ئۇنىڭدىن كېيىن، روھانىي كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارارگاھىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن روھانىي كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.


پەقەت لاۋىيلارلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ.


ياش ئىنەكنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.


كۈلنى يىغقان كىشىمۇ ئوخشاشلا كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر. بۇلار ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite