Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 19:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئاندىن پاك بىر كىشى لېپەكگۈلنى ئۇ سۇغا چىلاپ، چېدىرغا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سەپسۇن. يەنە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر جەسەتكە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىگىمۇ ئاشۇ سۇدىن سېپىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 19:18
13 Referans Kwoze  

ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


پاك بىر كىشى ياش ئىنەكنىڭ كۈلىنى يىغىپ، قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا قويۇپ قويسۇن. بۇ كۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ پاكلىنىش سۈيىگە سېلىپ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ساقلانسۇن. بۇ گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.


ئۇلارنى ھەقىقىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقتۇر.


تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي، يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي.


مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان مارجانگۈل بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سەپتى.


ناپاك كىشى ئۈچۈن، كۆيدۈرۈلگەن پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ كۈلىدىن كۈپكە سېلىپ، ئۈستىگە پاكىز سۇ قۇيۇلسۇن.


پاك كىشى ناپاك كىشىگە ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى سۇ سەپسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىدۇ. پاكلانغۇچى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە يۇيۇنسۇن. شۇنداق بولغاندا ئۇ كىشى شۇ كۈنى كېچىسى پاكلىنىپ بولغان بولىدۇ.


مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ.


نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىپ گۇناھلىرىمنى، ئۆچۈرۈۋەتكىن ساڭا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite