Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 19:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئەگەر بىر ئادەم سىرتتا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن بولسا، ئوخشاشلا يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 19:16
12 Referans Kwoze  

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، لېكىن ئىچى ئۆلۈك ئۇستىخان ۋە ھەر خىل چىرىغان نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر.


ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن.


سىلەرگە ۋاي! سىلەر خۇددى كىشىلەر ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەسسەپ سېلىپمۇ سېزەلمەيدىغان، سېسىپ كەتكەن قەبرىسىز يەرلىككە ئوخشايسىلەر! - دېدى.


مەيلى كىم بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسا يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر.


تۇۋىقى بار ھەرقانداق قاچا-قۇچا ئوچۇق قالغان بولسا، ناپاك بولىدۇ.


كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار،


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ھارۇننىڭ روھانىي ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، روھانىيلار خەلق ئارىسىدىكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەسىتىگە تېگىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن.


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئېغىر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما چىققانلار، جەسەتنى تۇتۇپ ناپاك بولغانلار،


ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن.


بىراق بىرنەچچە كىشى جەسەتلەرنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى. ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ:


ناپاك بولغان روھانىيلار پاكلانغاندىن كېيىن، يەنە يەتتە كۈن كۈتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite