Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 19:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 تۇۋىقى بار ھەرقانداق قاچا-قۇچا ئوچۇق قالغان بولسا، ناپاك بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 19:15
6 Referans Kwoze  

ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ناپاك دەپ ئېلان قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، روھانىي ئۆينى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئۆينى بوشاتقۇزسۇن. ئاندىن روھانىي ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ كۆكەرگەن يېرىنى تەكشۈرسۇن.


ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.


شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى، خۇرۇم بۇيۇملىرىنى، ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان نەرسىلىرىنى ۋە ياغاچ ئەسۋابلىرىنى پاكلىسۇن.


ئەگەر بىرەرسى چېدىردا قازا قىلسا، تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈلسۇن: ئەگەر بىرەرسى جەسەت بار چېدىرغا كىرسە، ياكى بىرەرسى شۇ چېدىردا بولغان بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.


ئەگەر بىر ئادەم سىرتتا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن بولسا، ئوخشاشلا يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.


ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ساپال قاچىنىڭ ئىچىگە چۈشسە، ئىچىدىكى ھەرقانداق نەرسە ھارام بولىدۇ. سىلەر چوقۇم ئۇ ساپال قاچىنى چېقىۋېتىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite