12 ئۇ ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىش سۈيى بىلەن ئۆزىنى يۇيسۇن. شۇندىلا ئۇ پاك بولىدۇ. مۇبادا ئۇ ئۆزىنى ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى يۇيمىغان بولسا، ئۇ پاك بولمايدۇ.
ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن.
- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.
خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلدى.
ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز.
ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.
تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي، يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي.
ئەگەر قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، چوقۇم كۆيدۈرۈلسۇن.
مۇسا ئۇلارغا: _ ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىڭلار تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار، ئايالىڭلارغا يېقىنلاشماڭلار، _ دېدى.
ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىسى تەييارلىقنى پۈتكۈزسۇن. چۈنكى ئۇ كۈنى مەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىناي تېغىغا چۈشىمەن.
ئاندىن قاننى پاكلىنىدىغان كىشىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم چېچىپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇشنى دالاغا قويۇۋەتسۇن.