چۆلدە 18:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. Gade chapit la |
ئۇنىڭدىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: «بىز سېنىڭ ئەمرلىرىڭ بويىچە ساڭا ئاتىغان ئۈلۈشىمىزنى ئائىلىمىزدىن ئېلىپ كېلىپ، لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللارغا تەقسىملەپ بەردۇق. بىز سېنىڭ ھەرقانداق ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ۋە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلمىدۇق.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.