4 ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ.
پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق جازالىغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.
سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر.
سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراشقا مەسئۇل بولىسىلەر. سىلەر ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپ قىلىشىمدىن ساقلىنىڭلار.
خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.
لېكىن مەن يەنىلا ئۇلارنى ئىبادەتخانامنى قوغداش ۋە ئىبادەتخانامدىكى ھەر خىل يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىشقا قويىمەن.
لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»
ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ياردەم قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزى يالغۇز خىزمەت قىلسا بولمايدۇ. سەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مانا شۇنداق بەلگىلەپ بەرگىن.