32 سىلەر ئەڭ ياخشىسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بولساڭلار، قالغانلىرىنى يېسەڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەدىيە قىلىنغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىماڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر.»
ئۇنى يېگەن ئادەم جازايىمغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ مەن مۇقەددەس دەپ بىلگەن قۇربانلىقنى بۇلغىدى. ئۇنداق كىشى خەلقنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
چۈنكى، ئېتىقادچىلار رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى پەرقلەندۈرمەي تۇرۇپ، ناندىن يېگەن ۋە جامدىكىدىن ئىچكەن كىشى ئۆزىنى خۇدانىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان ھەربىر كىشى نامۇۋاپىق ھالدا ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسە، ئۇ رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنى ۋە ئاققۇزغان قېنىغا يۈز كېلەلمەيدىغان گۇناھ قىلغان بولىدۇ.
سىلەر ناپاك قۇربانلىقلارنى قۇربانلىق سۇپامغا قويۇپ، ماڭا ئاتىدىڭلار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ‹سېنى قانداق خاپا قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامنى ھۆرمەت قىلمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر.
گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن.
قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر.
پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئىسرىقدانغا يېقىنلاشقاندا، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن تامبال كىيىۋالسۇن. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.