31 قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر.
ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار، بەلكى چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇڭلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار، چۈنكى خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.
سەپەرگە چىققاندا نە خۇرجۇن، نە بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك، نە ئاياغ، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى، خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.
خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن قىلسۇن.
باشقا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا قىلغان، بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قىلمىغان بىردىنبىر «خاتالىقىم» سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىڭلارنى ئالمىغانلىقىمدۇر. بۇ «ئادالەتسىزلىك»~ىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر!
لاۋىيلارغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئەڭ ياخشىسىنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن بۇنى خامىنىڭلاردىن ياكى شاراب كۆلچىكىڭلاردىن كەلگەندەك قوبۇل قىلىمەن.
سىلەر ئەڭ ياخشىسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بولساڭلار، قالغانلىرىنى يېسەڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەدىيە قىلىنغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىماڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر.»