30 لاۋىيلارغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئەڭ ياخشىسىنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن بۇنى خامىنىڭلاردىن ياكى شاراب كۆلچىكىڭلاردىن كەلگەندەك قوبۇل قىلىمەن.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.
سىلەرنىڭ كور مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ ئاقساق-چولاق ۋە كېسەل مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۆلكە باشلىقىغا شۇنداق سوۋغات بېرىپ، سىناپ بېقىڭلارچۇ قېنى، ئۇ خۇرسەن بولامدىكىن، ئۇ سىلەرگە ھىممەت كۆرسىتەمدىكىن؟!
پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار ۋە پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن سۆيۈڭلار.
ياقۇپ ئۇلارغا: _ ئۇنداق بولسا، باش ۋەزىرگە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرەك، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ھەر خىل ئەڭ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا سۈپىتىدە ئالغاچ بېرىڭلار.
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.
روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ پارچىلىرى، يەنى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش مۇقەددەستۇر. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن.
سىلەر ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن ماڭا مەنسۇپ بولغان ئۈلۈشنى ماڭا ئاتاپ ھەدىيە قىلىڭلار.»
قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر.