Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 18:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 18:3
12 Referans Kwoze  

ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.


بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.


ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سايمانلارغا، شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرىغا ھەمدە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.


ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.


ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارغا، چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە،


قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.


ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.


ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ.


خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.


ئۇلارنىڭ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا يېقىنلىشىپ، روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشىغا ۋە مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ياكى ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارغا قول تەگكۈزۈشىگە يول قويمايمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىدىن نومۇس قىلسۇن.


لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite