Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 18:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 پەقەت لاۋىيلارلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 18:23
10 Referans Kwoze  

لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن.


پەرۋەردىگار ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار ئىگە بولماقچى بولغان زېمىندا سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولمايدۇ. ئۇلارغا نېسىۋە قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىمۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئۈلۈشۈڭ ۋە نېسىۋەڭ بولىمەن.


پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭ ئىبادەت چېدىرى توغرۇلۇق چۈشۈرگەن ئەمرلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭلار، جاۋابكار بولىسىلەر. روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە دەخلى قىلىنغان سەۋەنلىكلەرگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭلا جاۋابكار بولىسىلەر.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارنى يېقىپ قويسۇن. بۇ چىراغلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە يېنىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلسۇن.


لاۋىيلاردا بىر ئايلىقتىن چوڭ ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى جەمئىي 23,000 نەپەر بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى، چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.


ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈپ بۇتقا تېۋىنغان ۋاقىتلاردا، لاۋىيلار مەندىن يىراقلاشتى. شۇڭا ئۇلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.


بۇ سىلەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. پاكلىنىش سۈيىنى سەپكەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن. پاكلىنىش سۈيىگە تەگكەن ھەرقانداق بىر كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.


بۇ، سىلەر مەيلى نەدە ياشاڭلار، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.


شۇڭا ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن زېمىنى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.)


مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite