Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 18:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 18:22
7 Referans Kwoze  

روھانىيلار مەن جاكارلىغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. بولمىسا مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. بۇ گۇناھى ئۈچۈن گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.


قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.


ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى.


سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.


ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن زىنا قىلىش قېرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئۆز گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، پەرزەنت يۈزى كۆرمەي، ئۆلىدۇ.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئىسرىقدانغا يېقىنلاشقاندا، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن تامبال كىيىۋالسۇن. بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite