Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 18:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئىسرائىللار تەقدىم قىلغان بارلىق ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەلەرنى سىلەر لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققى قىلىپ بەردىم.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 18:21
26 Referans Kwoze  

ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.


بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ۋە باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ھەم زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ.


لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن روھانىي بولغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولۇشىغا قارىماي، تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى كېرەك ئىدى.


خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن قىلسۇن.


يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق قايتىدىن ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى.


ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن بىرگە خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا قالىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى:


ئۇلار خەلق ئىئانە قىلغان نەرسىلەر، ئوندىن بىر ئۈلۈش نەرسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان باشقا نەرسىلەرنى ئامبارلارغا ساداقەتلىك بىلەن ئەكىرىپ قويدى. بۇ ئىشقا لاۋىيلاردىن بولغان كونانيا مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى شىمئى ياردەمچىسى بولدى.


مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىيلارنى تاللاپ، ئۇلارنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل قىلدىم.


سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي!» دېدى. ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى.


لەشكەرلەرگە بۆلۈنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ بەش يۈزدىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ،


ئۇ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى سېتىپ، پايدىغا ئېرىشىشتىن سىرت، يەنە باشقا روھانىيلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ نېسىۋىسى بولغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلارغا ئېرىشسە بولىدۇ.


زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىسىغا كەلگەندە، بارلىق ئىسرائىللار مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار روھانىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى.


ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى.


شۇندىلا سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان ئەمرىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. بۇ مېنىڭ، يەنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!


سىلەر ئەمدى ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتخانا ئامبىرىغا ئەكېلىڭلار. ئىبادەتخانامدا يېتەرلىك ئاشلىق بولسۇن. بۇ ئىشتا مېنى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، سىلەرگە مول بەخت-سائادەت ياغدۇرغانلىقىمنى كۆرىسىلەر.


ھوسۇل ئالغان ۋاقتىڭلاردا ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ئوزۇق قىلىڭلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، _ دېدى.


شۇڭا يۈسۈپ مىسىرلىقلارغا قانۇن تۈزۈپ: «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىر قىسمى پادىشاھقا تەۋەدۇر» دەپ بېكىتتى. بۇ قانۇن شۇنىڭدىن بېرى كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا پىرئەۋننىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتمىدى.


_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن.


لاۋىيلار بۇنى يىغقاندا، روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بىر روھانىي ئۇلار بىلەن بىرگە بارىدۇ، ئاندىن لاۋىيلار يىغىلغان ئاشلىقلارنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite