Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 18:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 پەرۋەردىگار ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار ئىگە بولماقچى بولغان زېمىندا سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولمايدۇ. ئۇلارغا نېسىۋە قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىمۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئۈلۈشۈڭ ۋە نېسىۋەڭ بولىمەن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 18:20
20 Referans Kwoze  

روھانىيلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق زېمىن مۈلۈك قىلىپ بېرىلمىسۇن. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مۈلكى ۋە نېسىۋىسى مەندۇرمەن.


شۇڭا ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن زېمىنى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.)


ئەمما مۇسا پەيغەمبەر لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلار بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.


بارلىقىم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگارنى، شۇڭا ئۇنىڭغا باغلايمەن ئۈمىدىمنى.


مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى.


لېكىن يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا يەر تەقسىم قىلىنمىغاندۇر.


سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن.


تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ،


ئى ئىلاھىم، پەرياد چېكىپ ساڭا دېدىم: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، پانىي ئالەم قۇچىقىدا نېسىۋەمسەن.»


پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر، ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر.


لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن.


تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە، قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ، مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ.


ئۇنى يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەر، يېتىم بالىلار، تۇل ئاياللار ۋە يەر تەقسىم قىلىنمىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار، ئۇلار يەپ تويسۇن. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.


لاۋىيلاردا بىر ئايلىقتىن چوڭ ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى جەمئىي 23,000 نەپەر بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى، چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.


مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.


بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پەرۋەردىگار ئىبرامغا چېدىردا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنۈپ: _ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولىمەن ۋە ساڭا ناھايىتى زور ئىنئام ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.


قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite