Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 18:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئسرائىللار ماڭا تۇنجى ھوسۇلدىن ئېلىپ ھەدىيە قىلغان ئەڭ ياخشى، يېڭى زەيتۇن يېغىنى، شارابلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلدىم.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 18:12
19 Referans Kwoze  

تۇنجى ھوسۇل، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە تۇنجى قىرقىلغان قوي يۇڭۇڭلاردىن روھانىيلارغا ھەدىيە قىلىڭلار.


ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.»


ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.


تۇنجى ئالغان ھەر خىل ھوسۇلۇڭلاردىن سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا: «خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار


روھانىي تۇنجى ھوسۇل ھەدىيەسىگە تەۋە نانلارنى ئىككى تۇياق قوي بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. ماڭا ئاتالغان بۇ مۇقەددەس نەرسىلەر روھانىيغا تەۋەدۇر.


مەيلى نەدە ياشىماڭلار، ھەربىر ئائىلە بويىچە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ ئىككى دانە نان يېقىپ، ئۇنى زىرائىتىڭلاردىن ئېلىنغان تۇنجى ھوسۇل سۈپىتىدە ماڭا ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن ئەكېلىڭلار.


بىرەرسى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن ماڭا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، ئالدى بىلەن يېڭى داننى ئوتتا قورۇپ، ئاندىن يارما قىلىپ،


باش ھوسۇلۇڭلاردىن ماڭا قىلىدىغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيەلىرىڭلارنى ئايىماڭلار. تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ماڭا ئاتاڭلار.


خۇدا ئاسماندىن ساڭا شەبنەم چۈشۈرۈپ، تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي. ئۇ ساڭا مول ئاشلىق، شارابلارنى ئاتا قىلغاي.


سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى قۇربانلىق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئالدى پۇتى، ئېڭەك گۆشى ۋە قارنىنى روھانىيلارغا بېرىڭلار.


كالا قېتىقى، قوي سۈتى ئىچكۈزدى. يېگۈزدى سېمىز پاقلان، باشاننىڭ قوي، ئۆچكىلىرىنى ۋە ئەڭ ئېسىل بۇغدايلارنى. ئىچكۈزدى ئۈزۈم شارابىنى.


سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم، تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.»


ئۇ چېگرالىرىڭغىچە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلەر، ئۇ سىلەرنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن تەمىنلەر.


تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمى ۋە باشقا بېكىتىلگەن ھەر خىل ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار روھانىيلارغا تەۋەدۇر. سىلەر تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۇنىنى روھانىيلارغا ئاتاڭلار. شۇندىلا ئائىلەڭلار بەرىكەت تاپىدۇ.


لېكىن تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن قىلىنغان يېمەكلىككە خېمىرتۇرۇچ ۋە ھەسەل قوشۇپ ماڭا ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى مەن خۇدانى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ.


بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپا ئۇنىدا قىلىنغان يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا دان بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ بۇلارنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ بەرگىن، ئۇلار يېسۇن! _ دېدى.


يېرۇسالېملىقلار پادىشاھنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن تۇنجى يىغقان ئاشلىقى، شارابى، زەيتۇن يېغى، ھەسىلى ۋە ئېتىزىدىن چىققان باشقا زىرائەتلىرىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ھەدىيە قىلىشتى. ھەدىيە قىلىنغان بۇ نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite