Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 18:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئىسرائىللارنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ قىلغان ھەدىيەلىرى ساڭا مەنسۇپتۇر. مەن بۇلارنى ساڭا ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسە بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 18:11
10 Referans Kwoze  

سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى قۇربانلىق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئالدى پۇتى، ئېڭەك گۆشى ۋە قارنىنى روھانىيلارغا بېرىڭلار.


پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاشنى سەن ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرقانداق پاك يەردە يېسەڭ بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئىسرائىللار سۇنغان ئامانلىق قۇربانلىق ئىچىدىكى سىلەرنىڭ ئۈلۈشۈڭلاردۇر.


پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر.


نانلارنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرى مېنىڭ نېسىۋەم بولسۇن. بۇ نانلار ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى چاچقان روھانىيغا تەۋە بولسۇن.


پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭ ئىبادەت چېدىرى توغرۇلۇق چۈشۈرگەن ئەمرلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭلار، جاۋابكار بولىسىلەر. روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە دەخلى قىلىنغان سەۋەنلىكلەرگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭلا جاۋابكار بولىسىلەر.


بۇ نەرسىلەرنى ئەڭ مۇقەددەس بىلىپ، پەقەت ئەرلەر يېسۇن. بۇ نەرسىلەرنى مۇقەددەس نەرسە دەپ بىلسۇن.


ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەنسۇپ قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. بۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ۋە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەمدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite