Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 18:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭ ئىبادەت چېدىرى توغرۇلۇق چۈشۈرگەن ئەمرلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭلار، جاۋابكار بولىسىلەر. روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە دەخلى قىلىنغان سەۋەنلىكلەرگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭلا جاۋابكار بولىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 18:1
22 Referans Kwoze  

ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. بۇ ھارۇننىڭ ئىسرائىللار ھەدىيەلەر سۇنغاندا ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالتۇن قاداق دائىم ھارۇننىڭ پېشانىسىدە بولسۇن. شۇندىلا پەرۋەردىگار ئىسرائىللار سۇنغان ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


يېتەكچىلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بەرگەچكە، ھەمىشە سىلەرگە ئاگاھ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ غەم-ئەندىشە بىلەن ئەمەس، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىڭلار.


چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.


ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق بىرى ئۆلمەي قالمىدى، ئەمدى بىزمۇ ئۆلەرمىزمۇ؟ _ دېيىشتى.


مۇسا تاياقلارنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى.


لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. ھەربىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن.


بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەربىر يىلى سىلەرنىڭ ئۇ زېمىننى چارلاپ كەزگەن قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئەمدى ئۆز گۇناھىڭلار ئۈچۈن قىرىق يىل ئازاب تارتىسىلەر ۋە مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرسام، ئاقىۋىتىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.


روھانىيلار مەن جاكارلىغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. بولمىسا مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. بۇ گۇناھى ئۈچۈن گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.


_ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى نېمىشقا مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېمىدىڭلار؟ بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىق ئىدىغۇ! بۇ قۇربانلىقنى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرنىڭ خەلقنى ئەيىبتىن خالاس قىلىشىڭلار، گۇناھتىن ساقىت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلغانىدىغۇ!؟


_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن.


ئەي كوراھ، پەرۋەردىگار سېنى ۋە باشقا لاۋىيلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ كەلدى. لېكىن سىلەر ئەمدى روھانىيلىقنىمۇ تالاشماقچىمۇ؟


ئىسرائىللارنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ قىلغان ھەدىيەلىرى ساڭا مەنسۇپتۇر. مەن بۇلارنى ساڭا ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسە بولىدۇ.


خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق.


ئاندىن سول يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئال. سول يېنىڭنى بېسىپ ياتقان ھەربىر كۈن سەن ئۈستۈڭگە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ يىل سانى بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite