9 مۇسا ھەممە تاياقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، ھەركىم ئۆز تايىقىنى ئېلىشتى.
ئەتىسى مۇسا ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەھدە چېدىرىغا كىرىپ، لاۋىيلارغا تەۋە ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلاپلا قالماي بەلكى غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ ھەم باداملىغانلىقىنى كۆردى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ھارۇننىڭ تايىقىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قايتا ئاپىرىپ قويغىن. ئۇ قارشى تۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردە ساقلانسۇن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى شىكايەتلىرى توختىسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلمەيدۇ، _ دېدى.