8 ئەتىسى مۇسا ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەھدە چېدىرىغا كىرىپ، لاۋىيلارغا تەۋە ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلاپلا قالماي بەلكى غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ ھەم باداملىغانلىقىنى كۆردى.
دالادىكى ھەممە دەرەخلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئېگىز دەرەخلەرنى پاكار، پاكار دەرەخلەرنى ئېگىز قىلالايدىغانلىقىمنى، ياشىرىپ تۇرغان دەرەخلەرنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنى كۆكلىتىدىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇنى مەنكى پەرۋەردىگار ئېيتتىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»
كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆستۈرگەن نوتىسى گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بۇ زېمىننىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئىسرائىلىيەدىكى ئامان قالغانلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە شان-شەرىپى بولىدۇ.
ئوت ئۇنىڭ شاخلىرىدىن تۇتىشىپ، مېۋىلىرىنى كۆيدۈرگەنىدى، سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك بىرەر قاۋۇل شېخىمۇ قالمىغانىدى.» بۇ بىر مەرسىيەدۇر، بۇنى مەرسىيە قىلىپ ئېيتىڭلار.
پەرۋەردىگار زورايتار ھۆكۈمرانلىقىڭنى سىئوندىن، دەركى ئۇ: «سەن ھۆكۈم سۈرگىن دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن.»
كۆچەتتە ئۈچ تال يۇمران شاخ بولۇپ، ئۇلار بىخلاپ، چېچەكلەپ، ئۈزۈم چۈشۈپ، ئۈزۈم پىشىپتىمىش.
ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.
لېكىن ئۇ غەزەپ بىلەن يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ، يەرگە تاشلاندى. چۆلدىن كېلىدىغان ئىسسىق شەرق شامىلى مېۋىلىرىنى قۇرۇتتى، باراقسان شاخلىرىمۇ قۇرىدى. ئوت ئۇنى يالماپ يوقاتتى.
تۇرار مېنىڭ ئاشىقىم يىگىتلەر ئارىسىدا، خۇددى ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك ئورمان ئارا. شېرىن تېتىيدۇ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا، دىلىم يايرايدۇ ئولتۇرسام سايىسىدا.
ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە: _ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.
مۇسا ھەممە تاياقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، ھەركىم ئۆز تايىقىنى ئېلىشتى.