2 _ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ھەربىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بىردىن تاياق تەييارلىسۇن، جەمئىي ئون ئىككى تاياق بولسۇن. تاياقلارغا ئۆز قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمى يېزىلسۇن.
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن.
خەلقنى سىنايدىغان ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ. بۇ قىلىچ ھەتتا يەھۇدىيەنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ، ئەگەر سەلتەنەت ھاسىسى بولمىسا، قانداق بولار؟ بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىلەندى. ئۇ پارقىراقلىقىدىن چاقماقتەك يالتىرايدۇ. ئەي ئوغلۇم يەھۇدىيە، ئەجەبا، سەن سەلتەنەت ھاسىسىدىن خۇشالمۇسەن؟ ياق، چۈنكى ئۇ قىلىچ ھېچبىر سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ!
ئوت ئۇنىڭ شاخلىرىدىن تۇتىشىپ، مېۋىلىرىنى كۆيدۈرگەنىدى، سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك بىرەر قاۋۇل شېخىمۇ قالمىغانىدى.» بۇ بىر مەرسىيەدۇر، بۇنى مەرسىيە قىلىپ ئېيتىڭلار.
بولىۋەرمەس ھۆكۈمرانلىق ھاسىسى پاسىقلاردا، ھەققانىيلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن بۇ زېمىندا، رەزىللەر ھۆكۈمرانلىق قىلسا ھەققانىيلار ئۈستىدە، ھەققانىيلارمۇ ئايلىنىپ كېتەر رەزىللەرگە.
پەرۋەردىگار زورايتار ھۆكۈمرانلىقىڭنى سىئوندىن، دەركى ئۇ: «سەن ھۆكۈم سۈرگىن دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن.»
بۇ تاياقنى ئېلىۋال. چۈنكى سەن بۇنىڭ بىلەن مۆجىزە كۆرسىتىسەن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: _ قولۇڭدىكى نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ تاياق، _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.
يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. ھەربىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن.
بۇ ياغ بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى، ئەھدە ساندۇقى،
مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.
روھانىيلارغا ئائىلە نەسەبنامىسى بويىچە ۋە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى لاۋىيلارغا نۆۋەتچىلىك توپى بويىچە نەرسىلەر تارقىتىپ بېرىلەتتى.