Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 16:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، سىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى، پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 16:9
20 Referans Kwoze  

يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟


خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق.


ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.


سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يوشۇرۇنچە يەتكۈزدى. داۋۇت: _ پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇش سىلەرچە شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بىر نامرات ۋە ئەرزىمەس ئادەم تۇرسام، _ دېدى.


سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىن ئېلىپ چىقىپ مۇشۇ چۆلدە ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ ئەجەبا، بۇ يەتمەمدۇ؟ ھازىر سەن يەنە ئۆزۈڭنى پادىشاھتەك كۆرۈپ بىزنى باشقۇرماقچىمۇ؟


_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن.


لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»


ئەي تېكىلەر، سىلەر ئوتلىرى ئەلۋەك ئوتلاقلاردا ئوتلاپ تويمىدىڭلارمۇ؟! يەپ بولالمىغىنىڭلارنى دەسسەپ چەيلىشىڭلار كېرەكمىدى؟ سۈزۈك سۇلارنى ئىچىپ قانغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى كېچىپ لېيىتىشىڭلار كېرەكمىدى؟!


ئۇ ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن پاكلىغان ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىغا چېقىلماڭلار، ئۇ ئورنىدا قالسۇن. بۇندىن كېيىن ئەھدە ساندۇقىنى مۈرەڭلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈشۈڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەر ھازىردىن باشلاپ سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار.


ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىگەم پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟


لېياھ ئۇنىڭغا: _ مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىمۇ تارتىۋېلىپ، مېنى بالا تۇغۇشتىن مەھرۇم قىلماقچىمۇسەن؟ _ دېدى. راھىلە: _ ئەگەر سەن ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنى ماڭا بەرسەڭ، بۈگۈن كېچە ياقۇپ سەن بىلەن بىللە بولسۇن، _ دېدى.


سىلەر ئېيتىڭلارچۇ، مەن ئىشەنچلىك خىزمەتكارمۇ؟ كىشىلەر ماڭا قانداق باھا بەرسە بېرىۋەرسۇن. ئىشقىلىپ، ئۇلارنىڭ باھاسى ماڭا نىسبەتەن ئەرزىمەس بىر ئىشتۇر. ھەتتا ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە باھا بەرمەيمەن.


بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: - بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، - دېدى.


سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن.


مۇسا يەنە كوراھقا مۇنداق دېدى: _ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار!


پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئۈستەلنىڭ يېنىدا خىزمىتىمنى قىلسا ۋە ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite