45 _ بۇ جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن ئۇلارنى بىراقلا ھالاك قىلىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى.
_ جامائەتكە ئېيتقىن، ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرسۇن! _ دېدى.
ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، مۇمكىن بولسا بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.
داۋۇت قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن بولۇپ، ئۇلار يەرگە باش قويدى.
مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارغا زاھىر بولدى.
ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: