Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 16:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئەلئازار تۇچ ئىسرىقدانلارنى كۆيۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ يېنىدىن يىغىۋالدى ھەمدە ئۇلارنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلاتتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 16:39
5 Referans Kwoze  

گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولغانلارنىڭ ئىسرىقدانلىرىنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلىسۇن، چۈنكى ئىسرىقدانلاردا مەن پەرۋەردىگارغا ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەن. ئۇلار مۇقەددەستۇر. ئۇلار ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولسۇن، _ دېدى.


بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.


ئۇنى توسماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا ئىسرىق سېلىش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىدىغان ئىشتۇر. سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ كەتكىن. سەن ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدا سېنى ئەزىزلىمەيدۇ.


بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى.


لېكىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار روھانىي بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite