35 پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.
يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى.
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كۆيدۈردى. ئۇلار شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھالاك بولدى.
ھەمراھلىرى ئارىسىغا ئوت چۈشۈرۈلگەنىدى، ئوت يالقۇنى رەزىللەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
ھەركىم ئۆز ئىسرىقدانلىرىدا ئىسرىق سالسۇن. جەمئىي 250 ئىسرىقدان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلسۇن. سەن ۋە ھارۇن ئۆز ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.
مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن 250 ئادەم ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەتتىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى.
بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈپ، ئۇ دۈشمەننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.
پەرۋەردىگار مۇساغا:
لېكىن شۇ كۈنىلا كوراھ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەردىن باشقا 14,700 ئادەم ۋابا بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى.
رەببىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرماس زىنھار، كەلمەكتە ئۇ، ئالدىدا ئوت يالقۇنى يالماپ كېلەر، ئەتراپىدا بوران-چاپقۇن ھۇۋلاپ كېلەر.
بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش نەپەر ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شافاننىڭ ئوغلى يائازانيامۇ بار ئىدى. ئۇلار قوللىرىغا ئىسرىقدان ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشبۇي ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى.
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ خۇداغا بويسۇنماي، سىناي چۆلىدە ئۇچرىشىش چېدىرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆلدى، ئۇلاردىن پەرزەنت قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا روھانىيلىق قىلاتتى.
شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ ئادەملەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى.