27 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراقلاشتى. داتان بىلەن ئابىرام ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى ۋە كىچىك بالىلىرى بىلەن بىرگە چىقىپ، ئىشىكلىرى ئالدىدا تۇرۇشتى.
ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار، يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!
ھالاكەتتىن ئىلگىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بولۇر تەكەببۇرلۇق. ئىززەت-ھۆرمەتتىن ئىلگىرى يۈرەر كىچىك پېئىللىق.
ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.
خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ.
لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، قوھاتنىڭ نەۋرىسى، يىزھارنىڭ ئوغلى بولغان كوراھ رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ھەم ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئونلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ،
لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي يوقىتالمىغانىدى.
مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا ماڭغاندا، خەلق دائىم چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، تاكى ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ بولغۇچە كەينىدىن قارىشىپ تۇرۇشاتتى.