2 مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن 250 ئادەم ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەتتىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى.
ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئېل، داتان ۋە ئابىرام. داتان بىلەن ئابىراملار جامائەت سايلىغان يېتەكچىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇسا بىلەن ھارۇنغا قارشى چىقىپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا،
ئۇلار ئۇنى يالىڭاچلاپ، بالىلىرىنى تارتىۋالدى، ئاندىن ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتتى. جازاسىنى تارتقان ئوھولانىڭ يامان نامى ئاياللارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق جاھانغا تارقالدى.
ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى: ئېفەر، يىشئى، ئەلىئېل، ئازرىئېل، يەرەمىيا، ھوداۋيا ۋە ياخدىئېل. ئۇلار باھادىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۆز جەمەتىنىڭ مەشھۇر يولباشچىلىرى ئىدى.
«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرغان چاغلاردا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە «نىفىللار» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.
داڭقىڭ ئەللەرگە تارالدى. چۈنكى مېنىڭ ساڭا بەرگەن سالاپىتىم سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى تېخىمۇ تىللاردا داستان قىلغانىدى. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 20,800 جەڭچى، بۇلار ئۆز جەمەتلىرىدە نامى بار باتۇر جەڭچىلەر ئىدى.
بۇلار جامائەت ئارىسىدىن تاللانغانلار بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ھەم ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ئىدى.
پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.
مۇسا كۇشتىن كەلگەن ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەريەم بىلەن ھارۇن ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتى.
_ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل قالمىدى.