Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 16:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆز ئىسرىقدىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوغ ۋە ئىسرىق تولدۇرۇپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىللە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 16:18
7 Referans Kwoze  

ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن


ھەركىم ئۆز ئىسرىقدانلىرىدا ئىسرىق سالسۇن. جەمئىي 250 ئىسرىقدان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلسۇن. سەن ۋە ھارۇن ئۆز ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.


كوراھ بارلىق جامائەتنى يىغىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى.


ھەمدە ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئوتتا كۆيدۈرسۇن. ئىسرىقلارنىڭ خۇش پۇراق ئىسى ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى قاپلىغاندا، ئۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.


_ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا ئېيتقىن، ئۇ ئىسرىقدانلارنى قالدۇق ئوتنىڭ ئىچىدىن ئېلىۋالسۇن. چۈنكى ئىسرىقدانلار مۇقەددەستۇر. چوغلارنى يىراقراق جايغا چېچىۋەتسۇن.


ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ۋابا توختىدى.


ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite