Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 16:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 يەنە كېلىپ سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ كىرمىدىڭ ياكى ۋەدە قىلغىنىڭدەك ئېكىنزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقمۇ بەرمىدىڭ. سەن كۆزلىرىمىزنى باغلاپ، بىزنى يەنە داۋاملىق ئالدىماقچىمۇ؟ ياق! بىز بارمايمىز! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 16:14
12 Referans Kwoze  

مەن سىلەرگە: ‹ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن› دېگەنىدىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقتىم.


پادىشاھ ناخاش ئۇلارغا جاۋابەن: _ ئۇنداقتا ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىللارنى خورلۇقتا قالدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزەي، _ دېدى.


فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى.


نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ ھالاكەتلىك يەرگە ئېلىپ كەلدىڭلار؟ بۇ جايدا نە ئاشلىق، نە ئەنجۈر دەرىخى، نە ئۈزۈم تېلى، نە ئانار دەرىخى بولسۇن، ھەتتا ئىچىدىغانغا سۇمۇ يوق!


يەتتىنچى يىلى يەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاق قويۇڭلار. ئۆزى ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەرگە قالدۇرۇڭلار. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭلارنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار.


ئەگەر بىرى ئېتىزلىقتا ياكى ئۈزۈمزارلىقتا پادا بېقىپ، پادىلىرىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ، پادىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدىكى زىرائەتلەرنى ياكى ئۈزۈملەرنى يېيىشىگە يول قويسا، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئۆز ئېتىزى ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن.


مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەن».


شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.


ئالتە يىل يېرىڭلارنى تېرىپ، ھوسۇل ئېلىڭلار.


ھەمدە مۇساغا مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەردى: _ سەن بىزنى ئەۋەتكەن ئاشۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىن ئىكەن. مانا بۇ مېۋىلەر ئاشۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.


ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن خۇرسەن بولسا، بىزنى ئۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ ھەمدە ئاشۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite