Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 16:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، قوھاتنىڭ نەۋرىسى، يىزھارنىڭ ئوغلى بولغان كوراھ رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ھەم ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئونلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ،

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 16:1
11 Referans Kwoze  

بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.


رۇبېننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان داتان ۋە ئابىرامنى قانداق جازالىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يەر يېرىلىپ، داتان، ئابىرام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى، چېدىرلىرىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقانلارنى قانداق يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار كۆرمىگەن.


يىزھارنىڭ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.


_ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل قالمىدى.


قوھاتنىڭ ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇ 133 يىل ئۆمۈر كۆردى.


مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»


چېدىرلىرىدا ئۇلار ھەسەت قىلدى ھەزرىتى مۇساغا، ۋە خۇدا تاللىغان مۇقەددەس روھانىي ھارۇنغا.


لاۋىينىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. لاۋىي 137 يىل ئۆمۈر كۆردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite