Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 15:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 بۇقىغا قوشۇپ، ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا ئىككى لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 15:9
18 Referans Kwoze  

ماللار قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئۇلارغا قوشۇپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئىككى لىتىر شاراب، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن بىر يېرىم لىتىر شاراب، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەردۇر. ھەربىر يىلنىڭ ھەممە ئايلىرىدا مۇشۇنداق ھەدىيەلەر قىلىنسۇن.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو،


سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغى ئېلىپ كەلسۇن.


_ ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن.


كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ توختىدى. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ھازا تۇتماقتا.


شۇڭا ھەر كۈنى ئەتىگەندە پاقلان، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە زەيتۇن يېغى تەييارلاپ، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.


بەلگىلەنگەن ھەربىر ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن سۇنۇلسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا بولسۇن. ھەر 5 كىلو ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنۇلسۇن.


بۇقا ۋە قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا سۇنسا بولىدۇ. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە چوقۇم بىر لىتىر زەيتۇن يېغى سۇنسۇن.


قوچقار بىلەن بىرگە 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن، پاقلان بىلەن بىرگە خالىغان مىقداردا ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنسۇن. ھەر 5 كىلو سۈپەتلىك ئۇن بىلەن بىرگە بىر لىتىر زەيتۇن يېغى قوشۇپ سۇنسۇن.


ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىبادەتخانىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى ئىمارەتلەردىكى خانىلار مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى، ئەيىب قۇربانلىقلىرى قاتارلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى يەيدۇ ۋە ساقلايدۇ. چۈنكى بۇ خانىلار مۇقەددەستۇر.


بۇ كۈمۈشلەر خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ھەم دەم ئېلىش كۈنى، يېڭى ئاي بايرىمى ھەمدە بەلگىلىگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتىلىدىغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمە قىلىشنى خالىسىلىرى شۇنى قىلغايلا. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بۇقىلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن بۇغدايلىرىمنى بېرەي. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىشكە رازى، _ دېدى ئاراۋنا.


بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن. بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە ئۇنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.»


يۇقىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئەيىب قۇربانلىقى، روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھەم ئامانلىق قۇربانلىقىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىقلارنى ئۆزىگە ئاتاپ ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇغانىدى.


قىلغان قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇش ئۈچۈن بىر بۇقىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قىلغاندا،


ۋە ئىككى لىتىر شاراب بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ.


بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ھاننا ئۇنى شىلوغا ئېلىپ باردى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا، يېرىم خالتا ئۇن، بىر تۇلۇم شاراب ئالغاچ باردى. ھاننا سامۇئىلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئېلىپ كىردى. بالا تېخى كىچىك ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite