Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 15:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 ھەر قېتىم بۇ چۇچىلارنى كۆرگىنىڭلاردا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى يادىڭلارغا سالىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىلەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنىڭ كەينىگە كىرمەيسىلەر، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلمايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 15:39
21 Referans Kwoze  

پاھىشە ئايالدەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى، بۇلغىدى ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى.


شۈبھىسىزكى، ھالاك بولار سەندىن يىراق تۇرغانلار، يوق قىلىسەن ئۇلارنى، يوقىلىدۇ ساڭا ۋاپاسىز بولغانلار.


ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ.


ئەخمەقتۇر ئۆز ئەقلىگە ئىشەنگەن، ئامان قالار دانالىق بىلەن ئىش تۇتقان.


ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر.


ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.


ئەگەر پۇتۇم ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ، كۆزلىرىم يامانلىققا ئىنتىلىپ، قوللىرىم جىنايەت بىلەن بۇلغانغان بولسا،


ئاراڭلاردىن ھېچكىممۇ بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە پەرۋا قىلماي ئىچىدە: «مەن ئۆزۈم خالىغان يول بىلەن كېتىۋەرسەممۇ، ماڭا ھېچنېمە بولمايدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. ئۇ يامانلارغىمۇ ھەم ياخشىلارغىمۇ كۈلپەت كەلتۈرىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەيىبلەڭلار، ئاناڭلارنى ئەيىبلەڭلار! ئۇ ئەمدى مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس، مەنمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس. يۈزىدىكى پاھىشىلىك جىلۋىلىرىنى، ئۈستىدىكى ئۇياتسىز كىيىملىرىنى يوقاتسۇن.


ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن.


دىققەت قىلىڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار!


ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار.


ھېيت خۇددى قولۇڭلار ياكى پېشانەڭلاردىكى بەلگىدەك سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى ھەمىشە ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەسلىكىڭلارنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


ئېھتىياتچان بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەر، قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلماي قالماڭلار.


مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. ئۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى.


8-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆز مەيلىچە ئىسرائىللارنىڭ ھېيتى قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنى بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىسرىق سالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite