ھەزرىتى ئەيسا مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاققا بارسۇن، خالايىق بىمارلارنى ئاساسلىق كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ، ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.