36 شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەت ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.
ئاندىن يوشۇۋا ئاكانغا: _ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىسەن؟ ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى
_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن: «ئىسرائىل خەلقىدىن ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇ كىشى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت ئۇنى قارارگاھ سىرتىدا چالما-كېسەك قىلسۇن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىبرەت ئېلىپ قورقىدىغان بولىدۇ.
ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، نابوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، جامائەتكە: «نابوت خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.