Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 15:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى كەمسىتىپ، مېنىڭ ئەمرىمگە قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 15:31
19 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ سۆزىگە سەل قارىغۇچى ئۆزىگە ھالاكەت كەلتۈرەر، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان تارتۇققا ئېرىشەر.


سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنىڭ جېنىنى ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ! ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟


كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. بالىسى ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا، ئاتىسىمۇ بالىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئەمەستۇر. ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىغا لايىق ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، رەزىللەر رەزىللىكىگە لايىق جازالىنىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا، چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا.


_ سوت مەلۈم ۋەقە ھەققىدە گۇۋاھچى ئىزدەپ، ئېلان چىقارسا، لېكىن ۋەقەنى كۆرگۈچى ياكى بىلگۈچى ئۆزىنىڭ كۆرگەن، بىلگەنلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.


چۈنكى، ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى زادىلا بىلمىگەن ياخشى.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.


شۇڭا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر زۇلۇمغا ۋە ئالدامچىلىققا تاياندىڭلار.


غەرق بولدۇم گۇناھلىرىم كەلكۈنىگە، سالمىقىدىن گۇناھىمنىڭ پاتتىم يەرگە.


لېكىن بۇنىڭدىن ئاۋۋال خەلقىم زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، زېمىنى بوش قالىدۇ ۋە دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. خەلقىم گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تەرك ئېتىپ، بەلگىلىمىلىرىمنى ئۆچ كۆردى.


بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، قائىدە-تۈزۈملىرىمدىن نەپرەتلەنسەڭلار، پەرمانلىرىمغا پەرۋا قىلماي، مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزساڭلار،


چۈنكى ئۇلار يەرگە ئۇرۇپ خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى، كۆزگە ئىلمىغانىدى ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى.


كىمدەكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.


ئەگەر بىر ئادەم تەكەببۇرلىشىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىي ۋە سوتچىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق قەسەم قىلدىمكى، ئەلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ گۇناھلىرى ھەرقانداق قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەر بىلەنمۇ مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite