Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 15:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ماڭا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەر سۇنغاندا، مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن، قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى ھېيتلىرىڭلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق بولسۇن، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 15:3
27 Referans Kwoze  

ئاندىن ئۇلارنى كۆيدۈرگىن. مانا بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن.


ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق پاقلاننى قۇربانلىق قىلىڭلار. بۇ قۇربانلىقلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.


مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.


_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر ئادەمنى ئاتاشقا ئالاھىدە قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالغان ئادەمنىڭ ئىش قىممىتى بويىچە مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمىدە پۇل ھەدىيە قىلسۇن: يىگىرمە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئۈچۈن 600 گىرام كۈمۈش،


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.


ئەمما ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىڭلارنى ۋە باشقا شەخسىي ھەدىيەلىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردا يېسەڭلار بولمايدۇ.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.


سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، شەخسىي ھەدىيەڭلارنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار.


مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بېجىرىم بولغان بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.


سىلەر ئۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان بۇ تائام ھەدىيەلىرى سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ئۈلۈشلىرىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئەمرىدۇر.


سۇنۇلغان ئامانلىق قۇربانلىقى مەيلى ئىچكەن قەسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قىلىنغان ياكى خالىس قىلىنغان بولسۇن، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى شۇ كۈنى يەپ بولالمىسا، ئەتىسى يېسىمۇ بولىدۇ.


گۇگۇم چۈشكەندە قۇربانلىق قىلىنغان ئىككىنچى قويغا قوشۇپ ئاتىلىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش قىلىنسۇن. بۇ نەرسىلەر مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


ئاندىن سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى قىلغىن.


مانا بىز قۇتقۇزۇلىدىغانلارغىمۇ، ھالاك بولىدىغانلارغىمۇ چېچىلىدىغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداغا ئاتىغان خۇش پۇرىقىدۇرمىز.


بۇ خۇش پۇراق ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم پۇرىقى بولسا، قۇتقۇزۇلىدىغانلار ئۈچۈن ھاياتلىق پۇرىقىدۇر. بۇنداق زور ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟


ئى پەرۋەردىگار، سۇناي ساڭا خالىس قۇربانلىقىمنى، بولغاچقا سەن شاپائەتلىك، مەدھىيەلەيمەن نامىڭنى.


بىر سېۋەت پېتىر نان، يەنى سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن پېتىر نان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى.


بۇلارغا بۇقا، قوچقار، پاقلانلارنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق، شارابلارنى سېتىۋېلىپ، سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەدىيە قىلغايلا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite