27 ئەگەر بىرەر كىشى بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلسۇن.
مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.
بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ يوللىرىمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قايتىشقا بۇيرۇماقتا!
قېرىنداشلار، مەن ئىشىنىمەنكى، سىلەر ۋە باشلىقلىرىڭلار ھەزرىتى ئەيساغا شۇنچە يامانلىق قىلغاندا، ئۆزۈڭلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيتتىڭلار.
بىراق، خوجايىنىنىڭ تەلىپىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلغان چاكار يېنىكرەك تاياق يەيدۇ. خۇدا كىمگە كۆپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كۆپ كۈتىدۇ. چۈنكى، كىمگە كۆپ ئامانەت قويۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:
مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كەلسۇن: كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقار،