چۆلدە 15:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى24 ۋە بۇنى جامائەت بىلمەي، بىخەستەلىكتىن قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن جامائەت بىر بۇقىنى ئېلىپ كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قائىدە بويىچە ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنسۇن ۋە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنسۇن. Gade chapit la |
قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 بۇقا، 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىندى.