Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 14:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ پاناھى يوق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزگە يار بولىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 14:9
50 Referans Kwoze  

ئۇلاردىن قورقماڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ مىسىرغا ۋە پىرئەۋنگە قانداق قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار.


ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟


سىلەر قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار، ئۇلاردىن قورقۇپ، تىترىمەڭلار، خۇدا سىلەرگە ياردۇر. ئۇ سىلەردىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ ھەمدە سىلەرنى تاشلىمايدۇ.


چاققانىدىڭ دېڭىزدىكى لىۋياتاننىڭ باشلىرىنى، بەرگەنىدىڭ چۆلدىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق قىلىپ گۆشلىرىنى.


ئۇنىڭغا يار بولغۇچى ئىنسان بولسا، بىزگە يار بولغۇچى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇر. ئۇ بىزگە ياردەمدە بولىدۇ، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. خەلق پادىشاھ خىزكىيانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىلھاملاندى.


لېكىن سىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىلەر پەقەت ئورنۇڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، كۈتۈپ تۇرۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر قورقماڭلار، بوشىشىپ كەتمەڭلار، ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.»


پەرۋەردىگار سېنى باشلايدۇ، ساڭا يار بولىدۇ. ئۇ سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ ھەمدە سېنى تاشلىمايدۇ. قورقما ۋە بوشىشىپ قالما!»


خۇدا ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى يالماپ يۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىۋېتىدۇ، ئوقيالىرى دۈشمەنلىرىنى تېشىپ ئۆتىدۇ.


سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن.


قوغدىغۇچىڭدۇر پەرۋەردىگار، ئوڭ يېنىڭدا سايىۋەن بولۇپ تۇرار.


چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟! ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.


_ خەلقىمىزنىڭ چۆللۈكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قانداق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. خەلق مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى.


_ لېكىن خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ، ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىدى.


ئى ئىگىمىز خۇدا، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلساقمۇ، سەن يەنىلا رەھىمدىل بولۇپ، بىزنى كەچۈردۈڭ.


ئوقلىرىمنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن مەست قىلىمەن. قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن تويدۇرىمەن. ئەسىرلەرنىڭمۇ قېنىنى تۆكىمەن، يېتەكچىلىرىنىڭمۇ باشلىرىنى ئالىمەن.»


ئۇلاردىن قورقماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىدۇر، ئۇ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك خۇدادۇر.


قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى، سىلەر ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە بۇ يەرنى ئىگىلەڭلار، قورقماڭلار، بوشىشىپ قالماڭلار!» دېدىم.


نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن.


«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.


قاچقانلار خەشبون سېپىللىرىنىڭ سايىلىرىدا تۇرۇپ، ھالىدىن كېتىدۇ. پادىشاھ سىخوننىڭ قەدىمكى يۇرتى خەشبوندىن ئوت كۆتۈرۈلىدۇ. ئوت پۈتكۈل زېمىننى ئۇرۇشپەرەس خەلقى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلىدۇ.


لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.


ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.


قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.


ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن، بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى.


كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ


ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.


خۇدا بىزگە ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر.


يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتەل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار بولدى. بۇ چاغدا بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لۇز ئىدى. ئۇلار شەھەرگە ئايغاقچى ئەۋەتكەنىدى.


ئەگەر سەن بىزگە يار بولمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى قانداق بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


كېيىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: _ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشۈمگە ئاز قالدى. لېكىن خۇدا جەزمەن سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ.


بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولدا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا بويسۇنمىدۇق.


مەن ئۇلارغا: «ھودۇقماڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار.


ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلققە چاقىرىق قىلىپ: _ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم.


ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق ئۇلار سېنى يېڭەلمەيدۇ. مەن ساڭا يار بولىمەن، سېنى قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتقان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار. مەن سىلەرگە دەيمەنكى، ھەرگىز ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ، سىلەرنى قوغدايمەن ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.


بىراق مۇسا ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.


كالىب مۇسانىڭ ئالدىدىكى كىشىلەرنى تىنچلاندۇرۇپ، مۇنداق خىتاب قىلدى: _ بىز ئاتلىنىپ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىدارلىقىنى چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك، بىز جەزمەن شۇنداق قىلالايمىز.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تاياقلىرىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھارۇننىڭ تايىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. جەمئىي ئون ئىككى تاياق ئىدى.


ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئالدىغا توپلاشتى.


پەرۋەردىگارنىڭ شۇ چاغدا ۋەدە قىلغىنى بويىچە بۇ تاغلىق رايونلارنى ماڭا بەرگىن. ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھېلىمۇ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى چوڭ ھەم مۇستەھكەم. پەرۋەردىگار ماڭا يار بولغاي. شۇنداق بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتىمەن.


كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى.


ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite