چۆلدە 14:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى42 ئۇ يەرگە بارماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە يار ئەمەس، سىلەر دۈشمىنىڭلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىسىلەر. Gade chapit la |
ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.