شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ روھى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى زىكىرىياغا چۈشتى. ئۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ راھەت-پاراغەتكە ئېرىشكۈڭلار يوقمىدى؟ سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈگەنىكەنسىلەر، ئەمدى مەنمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈيمەن!»