40 ئەتىسى سەھەردە ئۇلار تاغلىق رايونلارغا چىقىشقا تەييارلىنىپ، «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز» دېيىشتى.
خەلق ماڭا: «بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق، ئەمدى بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇرۇش قىلىشقا رازىمىز» دېيىشتى. ئۇلار قوراللانساقلا، ئۇ تاغلىق رايوننى ئاسانلا ئالالايمىز، دەپ ئويلىدى.
ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ.
قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ.
ئەمما كىمدەكىم بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گۇناھ سادىر قىلسا، مەيلى ئۇ ئىسرائىل خەلقىدىن بولسۇن ياكى يات خەلقلەردىن بولسۇن، پەرۋەردىگارغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق دېدى: _ مەن گۇناھ قىلدىم، سېنىڭ يول توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ئەگەر سەن مېنىڭ بېرىشىمدىن خۇرسەن بولمىساڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېتەي.
مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى خەلققە يەتكۈزدۈم، لېكىن ئۇلار كىبىرلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، تاغلىق رايونلارغا يۈرۈپ كەتتى.