Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 14:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 مۇسا بۇ ئىشلارنى ئىسرائىللارغا خەۋەر قىلغاندا، ئىسرائىل خەلقى قاتتىق قايغۇرۇشتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 14:39
8 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلقسىلەر. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىرگە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. شۇڭا سىلەر ئەمدى ئۆزۈڭلاردا قېلىپ قالغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن شۇنىڭغا قاراپ سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەيمەن.» بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى.


سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىسىمۇ، رەت قىلىندى. ئۇ پۇشايمان قىلىپ، دۇئا ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، كېچىككەنىدى.


لېكىن، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ھەيدىلىپ، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، - دېدى.


ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.


ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.


شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئالدىمدا ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرىڭلارغا بىنائەن مەن بېشىڭلارغا شۇنداق بالا-قازا چۈشۈرەيكى،


چارلاشقا بارغانلاردىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبلا ئامان قالدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرالماي، ئۇلاردىن يېڭىلىپ، ئارقىسغا قاراپ قاچتى. ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ھالاكەتكە يۈزلەندى. سىلەر تىقىۋالغان نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە، مەن سىلەرگە يار بولمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite