31 سىلەر ‹بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدۇ› دېگەن بالىلىرىڭلارنى، سىلەر بېرىشنى رەت قىلغان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىپ ھۇزۇرلاندۇرىمەن.
ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر ‹بالا-چاقىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالىدۇ› دەپ ئويلىغانىدىڭلار، لېكىن ئاق-قارىنى تېخى پەرق ئېتەلمەيدىغان بۇ بالىلار ئاشۇ زېمىنغا بارىدۇ. مەن ئۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، ئۇلار ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى.
لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسا بىلەن روھانىي ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئالغانلاردىن بىرىمۇ قالمىغانىدى.
خەزرون، كارمى قاتارلىق جەمەتلەر بولۇپ،
پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇ زېمىنغا باشلاپ كېلىپ، قىلىچ ئاستىدا يىقىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ ئەمدىلىكتە خوتۇن-بالىلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كۆرە مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.
«قۇلاق سېلىڭلار، ئەي مېنى مازاق قىلىۋاتقانلار! ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ ئۆلىسىلەر! چۈنكى، مېنىڭ زامانىڭلاردا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى كۆرگىنىڭلاردا، كىشىلەر ئۇنى سىلەرگە چۈشەندۈرسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر!»
بىراق، مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ.
قوبۇل قىلمىدىڭلار مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى، مەنسىتمىدىڭلار بارلىق تەنبىھلىرىمنى.
پەرۋا قىلمىدىڭلار نەسىھەتلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا، خالىمىدىڭلار قۇلاق سېلىشنى تەنبىھلىرىمگە.
شۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن ماش شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقى ئىدى.
مەن چۆللۈكتە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە: ‹ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئىزىدىن ماڭماڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دورىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شۇ زېمىنغا يەتكۈزدى. يوشۇۋا مانا شۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلدى. ئىلگىرى ئۇلار سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقتىن خەتنە قىلىنمىغانىدى.
ئۇلار بېسىپ كىرىپ، ئۇ زېمىننى ئىشغال قىلدى. سەن ئۇلارغا كەنئان زېمىننىڭ ئاھالىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ. سەن ئۇ زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ۋە خەلقىنى ئۇلارنىڭ مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇردۇڭ.