30 مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.
چارلاشقا بارغانلاردىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبلا ئامان قالدى.
ئىبرام ئۇنىڭغا: _ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.»
ئاسمان، يەر، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەد ياشىغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «ئەمدى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ؛
مەن سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن ۋە ئۇ يەرنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»
يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،
لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
ۋاھالەنكى، مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا باشلاپ كىرمەسلىككە قەسەم قىلدىم.
ئاراڭلاردىكى ئاسىي ۋە گۇناھكارلارنى يوقىتىمەن. گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا كىرەلمەيدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا: ‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»