27 _ بۇ رەزىل خەلق قاچانغىچە ماڭا نارازىلىق قىلىدۇ؟ مەن ئىسرائىللارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.
_ مەن ئىسرائىللارنىڭ رەنجىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سەن ئۇلارغا: «خۇدا: ‹كەچتە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان يەيسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدى»، _ دېگىن.
بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك خۇدادىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايلى. شۇ چاغدا، بۇنداق قىلغانلار خۇدا ئەۋەتكەن جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
- ئەي ئېتىقادسىز ئەۋلاد! سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە، مەن سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە بولۇشۇم كېرەك؟ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشىلەر مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ مەن ئۇلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قاچانغىچە ماڭا ئىشەنمەيدۇ؟
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ خەلق ھېلىغىچە مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى رەت قىلىۋاتامدۇ؟
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ: - قوپۇڭلار، قورقماڭلار، - دېدى.
ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسىلەر. سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگۈدەك بىز كىم ئىدۇق؟
خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:
ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: _ سەن بېرىپ، پۈتۈن خەلققە: «پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگىنىڭلارنى ئاڭلىدى» دېگىن، _ دېدى.
سېنىڭ مەغرۇرلىنىپ، مەن ھەققىدە قىلغان نۇرغۇن يامان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم.