23 مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. مېنى مەنسىتمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇ يەرنى كۆرەلمەيدۇ.
«مىسىردىن چىققان، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ھېچبىر ئادەم مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىننى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشمىدى.
لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسا بىلەن روھانىي ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئالغانلاردىن بىرىمۇ قالمىغانىدى.
ۋاھالەنكى، مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا باشلاپ كىرمەسلىككە قەسەم قىلدىم.
بىز ئېتىقادچىلار بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. لېكىن، ئىشەنمىگەنلەرگە كەلسەك، دەل خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «شۇڭا، غەزەپلەنگىنىمدە قەسەم قىلغىنىمدەك، ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىز بەھرىمەن بولالمايدۇ.» خۇدا دۇنيانى ياراتقاندىلا، ھەممە ئىشنى تاماملىغانىدى.
شۇڭا خۇدا قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، دېدىكى: «ئۇلارنى چۆللەردە يوقىتىمەن.
قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا: ‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»
سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.
ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.»
بىراق ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلماي، نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلسا، نىيىتىمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا قىلغان ۋەدەمدىن يانىمەن.